باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە زوڭلىسى: سۇرىيە مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا ئاقىۋىتى چىدىغۇسىز بولىدۇ

2016.02.14 12:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ 13 - چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيە خەلقئارالىق قوللاش گۇرۇپپىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئالدىنقى كۈنى يېقىندا ھاسىل قىلغان نەتىجىلەر كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ .كىشىلەر قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك، توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشى ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجە چىدىغۇسىز بولىدۇ.

  مېدۋېدېۋ شۇ كۈنى ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ: سۇرىيەنىڭ بۆلۈنۈشىدىن ساقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم، سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئاپەت خارەكتېرلىك نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر تەدبىر قوللىنىپ، سۇرىيە ۋە باشقا قىزىق نۇقتا رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرمىغاندا، تېررورلۇق كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىدۇ، پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، دېدى.

  مېدېۋىدىۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت قويۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر تېزدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشى كېرەك.

  سۈرىيە خەلقئارا قوللاشا گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 12-فېۋرال گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى، يىغىندا سۇرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش، دۈشمەنلىشى ھەرىكىتىنى توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر