باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالاۋى زۇڭتۇڭى مۇتەرىقە ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

2016.02.01 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالاۋى زۇڭتۇڭى مۇتەرىقە تۈنۈگۈن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

  مۇتەرىقە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇھاننىسبورگ باشلىقلار يىغىنىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرغا قويغان جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بېكىتكەن ئافرىقىنى گۈللەندۈرۈش لايىھەسى ناھايىتى ماس كېلىدۇ. مالاۋى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مالاۋىنىڭ دۆلەت قىياپىتىدە تېخىمۇ زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى خالايدۇ. مالاۋى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى قوللايدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو مالاۋى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، داۋالاش سەھىيەدىن ئىبارەت بەش چوڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ يەنە سىياسىي ئاساسى ۋە خەلق رايى ئاساسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈۋرۈكنى كۈچەيتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر