باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىتانىياخۇ فىرانسىيە ئوتتۇرغا قويغان ئىسرائىلىيە تىنچلىق تەشەببۇسىنى رەت قىلدى

2016.02.01 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ تۈنۈگۈن فىرانسىيە يېقىندا ئوتتۇرغا قويغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىغا ئالاقىدار تەشەببۇسنى رەت قىلدى.

  نىتانىياخۇ شۇ كۈندىكى كابىنېت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ئوتتۇرغا قويغان بۇ تەشەببۇس پەلەستىنلىكلەرنى مۇرەسسە قىلماسلىققا ئىلھام بېرىدۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى بىۋاسىتە باشلىشىغا پايدىسىز. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيە ھېچقانداق شەرت قويمىغان ئەھۋالدا تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاشنى خالايدۇ دېدى.

  فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئۇس يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى خەلقئارالىق يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئاساسىدا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ناۋادا كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلاش نەتىجىسىز بولسا، فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر