باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ تىنچلىق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2016.02.01 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن پايتەخت دەمەشقنىڭ شەھەر سىرتىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسىگە خەت يېزىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پارتلىتىش ھۇجۇمى سادىر قىلىپ تىنچلىق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدىكى تىرىشچانلىقىنى بۇزۇش، سۇرىيە خەلقى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خېتىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: تېررورىزمغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە سىياسىيلاشتۇرۇشتىن، قوش ئۆلچەم قوللىنىشتىن ساقلىنىپ، ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى قوللاش زۆرۈر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر