باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 26-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى يېپىلدى

2016.02.01 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 26-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى تۈنۈگۈن ئىفىئوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىسئەبىبەدە يېپىلدى. ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئافرىقىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى.

  ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن، چاد زۇڭتۇڭى دابى مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ تېررورىزم ۋە قىسمەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ دۆلەت ئىچى كىرزىسىغا تاقابىل تۇرىدۇ. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ جەنۇبىي سۇدان ۋە بىرۇندىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدا باشلامچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، ئافرىقا ئەللىرى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. كېلەر نۆۋەتلىك ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى بۇ يىل ئىيۇندا رۇئاندادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر