- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەمەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېقىن جايدا ئۆزىنى قوشۇپ ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ 9 كىشى قازا قىلدى
2016.01.29 14:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يەمەن بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەمەننىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى ئادىندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېقىندا جايدا 28- يانۋار ئۆزىنى قوشۇپ ئاپتوموبىل پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بەرگەن. شۇ يەردىكى دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتلىشىچە: ھۇجۇمدا 9 ئەسكەر قازا قىلغان، 14 كىشى يارىلانغان. يەمەن ئاخبارات تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: شۇ كۈندىكى ھۇجۇمنىڭ نىشانى ئادىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى زۇبىدىنڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارىتىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتلاش يۇز بەرگەندە، ئادىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى زۇبىدى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل بىلەن زۇڭتۇڭ مەرىكىسىگە كىرىۋاتقان ئىدى. بۇ ئەمەلدار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: ئۆلكە باشلىقى يارىلانمىدى. بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسەبىي تەشكىلات بولغا ئىسلام دۆلىتى پارتلىتىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ئۆزلىرى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر