باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نورۋېگىيەدىكى مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلدى

2016.01.22 16:52   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

نورۋېگىيەدىكى مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلدى

  رۇسىيە «نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت گېزىتى»نىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان جايدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلىپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

  خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندىلا نورۋېگىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان جايدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان 70 مۇساپىرنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان. قوغلاپ چىقارغان مۇساپىرلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىشقا قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نورۋېگىيەنىڭ مۇساپىرلارغا بولغان مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

  بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋېلىسىپىت بىلەن رۇسىيە چېگراسىدىن كىرگەن مۇساپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان.

  نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى 2015- يىلى 12-ئاينىڭ 29- كۈنى شېنگېن دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن بارلىق مۇساپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە دۆلەت ئىچى مۇساپىرلار سىياسىتىدە «ياۋروپا بويىچە ئەڭ قاتتىق دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگەن».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟