- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
2016.01.22 16:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. ئىران جۇڭگو بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمكى يىپەك يولىدىكى شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتىكى مۇھىم بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ كونا دوستى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى رەسمىي ئىجرا قىلىش ۋە جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتەك شارائىت ئاستىدا جۇڭگو بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ماسلىشىش نۇقتىسىنى كۈتۈۋالدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوقۇم تېخىمۇ يارقىن نۇقتىلارنى يارىتىدۇ.
جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئالاقىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە باشلانغان، غەربىي خەن سۇلالىسىدە جاڭ خەن ئىرانغا نائىب ئەلچى ئەۋەتكەن، شۇنىڭدىن تارتىپ جۇڭگو بىلەن قاھىرە ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولى ئېچىلغان، بۇ دەل قەدىمكى يىپەك يولى ھېسابلىنىدۇ. كېيىن جۇڭگو بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلمەي كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئىزچىل ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۆزئارا ئەينەك قىلىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۆھپە قوشقان.
1971-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ۋە ئالاقە، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش، ئۆزئارا قوللاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ يۇقىرى قاتلاملىرى يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. 2013-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىشكەكتە ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىدا ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن كۆرۈشكەن. ئارقىدىن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ روھانى خەلقئارالىق سورۇنلاردا كۆپ قېتىم ئۇچراشقان، زۇڭتۇڭ روھانى يەنە 2014-يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ھەمدە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرى يىغىنىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان.
جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 1998-يىلىدىكى بىر مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2014-يىلى 51 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيدى.
نۆۋەتتە يۈزگە يېقىن جۇڭگو شىركىتى جۇڭگو بىلەن ئىران ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە جانلىق ھەرىكەت قىلماقتا. ئىراننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، ماي، سۇ ئېلېكتىر، نېفىت-خىمىيە، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ زور بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان. يەرلىك خەلقلەر تا بۈگۈنگىچە تېھراندىكى مېترو قۇرۇلۇشى، چىرۈي ئاپتوموبىل باغچىسى قاتارلىق جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى تىپىك تۈرلەرگە ھەۋەس بىلەن زوقلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر