باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاك ھونئى بەش تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەكلىپنى بەردى

2016.01.22 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22- يانۋار خەۋەر قىلىشىچە: كورېيە زۇڭتۇڭى پاك ھونئى 22- يانۋار زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۇچ تارماقنىڭ 2016- يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغان. پاك ھونئى مۇنداق دېگەن: چاۋشيەندىن سىرت بەش دۆلەتنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش زور. ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەڭ مۇھىم بولغىنى، چاۋشيەندە مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ جەرياندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو بۇ مەزگىلدە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا سەل قارىمايدىغانلىقىدەك قەتئىي ئىرادىسىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى، بىز، بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قىلچىمۇ ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ھەمدە ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر