باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: رۇسىيەنىڭ پۇل سانىنى كونترول قىلماسلىقى ئىنتايىن خەتەرلىك

2016.01.22 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن «كىچىك كارخانىلار ـــ دۆلەت تەسەۋۋۇرى» سودا-سانائەت كەسپى مۇنبىرىدە مۇنداق كۆرسەتتى: رۇسىيەنىڭ پۇل سانىنى كونترول قىلماسلىقى ئىنتايىن خەۋەرلىك.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ كارخانىچىلار ھوقۇقى بويىچە تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بورىس تىتوۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس سىستېمىسى بىلەن ياۋروپا بانكىسىغا ئوخشاش، ‹‹مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش›› ئۇسۇلى ئارقىلىق رۇسىيە ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە بۇ خىل پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرسە، پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەمما دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى ھەققىدىكى كۆزقاراشلار پۈتۈنلەي تۇتۇرۇقسىز گەپلەركەن.

  پۇتىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: پۇل سانىنى چەكلىمەسلىك، كونترول قىلماسلىق ۋە ئاددىي ھالدا ئاشۇرۇۋېتىش ئىنتايىن خەتەرلىك. مەن ئىلگىرىمۇ دېگەن، بۇ خىل تەدبىرنىڭ ئاقىۋىتى بىراقلا كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ناۋادا بىز ئېھتىيات قىلمىساق، ئۇ خىل ئەھۋاللار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر