باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا يېڭى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىدى

2016.01.22 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 21- يانۋار تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، يېڭى پىلاندا، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى. ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ بىرىنچى تۈردىكىسى 2011- يىلى 3 -ئاينىڭ 1 -كۈنىدىن كېيىن ئىران، ئىراق، سۇدان ۋە سۇرىيەگە بارغانلار ياكى تۇرۇپ قالغانلار؛ ئىككىنچى تۈردىكىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىران، ئىراق، سۇدان ياكى سۇرىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە كىشىلەر. بۇ ئىككى تۈردىكى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەت پۇقرالىرى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، بىراق نورمال يول بىلەن ئامېرىكىغا بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. جىددىي سودا، داۋالاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدىكى ئەلچىخانا ياكى كونسۇلخانىسى ئالدىن ئېتىبار بېرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر