باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇرگىنافاسۇنىڭ تۇتقۇنلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى، 126 كىشى قۇتۇلدۇرۇلدى

2016.01.18 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇرگىنافاسو بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى 16- يانۋار، تېررورچى ئۇنسۇرلار ھۇجۇم قىلغان مېھمانسارايدىكى تۇتقۇنلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، 126 تۇتقۇننىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى، ئۇچ تېررورچىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە مېھمانسارايدىكى 23 كىشى قازا قىلدى، بۇ قازا قىلغانلار 18 دۆلەتتىن كەلگەن. جۇڭگولۇق ئىككى كىشى بۇرگىنافاسونىڭ پايتەختى ۋاگدىگودىكى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىر مېھمانخانىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چېقىلدى. ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كىيىن، ئۆزىنى غازات دەپ ئاتىۋالغان بىر تور بېكىتى بازا تەشكىلاتى ئافرىقا شۆبە ئورگىنى بولغان ئىسلام مەغرىب بازا تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر