باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم رەسمىي ئىجرا قىلىندى دېدى

2016.01.18 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف 16- يانۋار ۋيېنادا مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى شۇ كۈنى ئىراننىڭ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زەرىف ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بۇيىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى بىلەن شۇ كۈنى ۋيېنادا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى شۇ كۈنى كەچتە ۋيېناغا يېتىپ كېلىپ سۆھبەتكە قاتناشتى. ئۇندىن باشقا، ئىران ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقىنىڭ زەرىفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنى جاكارلايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر