باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى

2016.01.05 12:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، دېگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتلىرىدىن 48 سائەت ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى 2-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق شىئە مەزھىپىنىڭ ئۆلىماسى نىمۇرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق ھەتتا دۇنيادىكى شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە سۈنئىي مەزھىپى يېتەكچىلىكىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن شىئە مەزھىپى يېتەكچىلىكىدىكى ئىراندىن ئىبارەت ئوتتۇرا شەرقتىكى دۈشمەنلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئېغىز ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلانغان. ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى خامىنىي تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئىنتىقام ئالىمىز دېگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران تېررورلۇقنى قوللىدى، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزدى دەپ ئەيىبلىگەن.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى 2-يانۋار تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ ئۆلىماسى نىمۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 كىشىگە ئۆلۈم جازا ئىجرا قىلغان. نىمۇر 2011-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقىدە پارتلىغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنىڭ قوللىغۇچىسى، يەرلىك شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى چەتكە قېقىلىش مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئىزچىل قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى نىمۇرغا چەتئەلگە باغلانغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان. نىمۇرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار شۇنىڭدەك ئىران، ئىراق ۋە بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ نارازىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى رەقىبى ئىراننىڭ نارازىلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان.

  نىمۇر ئىلگىرى ئىراندىكى دىنىي مۇقەددەس شەھەر كۇمدا ئون يىل دىنىي ئەقىدە ئۆگەنگەن بولۇپ، ئىراننىڭ دىنىي ساھەسىدە مەلۇم دەرىجىدە داڭقى بار، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىي تۈنۈگۈن شەخسىي تورىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايسىلەر، بۇ دىنىي ئۆلىمانىڭ قان قىساسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر-دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

  ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ياۋايىلارچە قىلمىشى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭكىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ، دېگەن. تۈنۈگۈن ئىراننىڭ ئاساسلىق گېزىتلىرى نىمۇرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىق خەۋىرىنى باش بەتكە باسقان. ئىراندىكى قاتتىق قوللار گېزىتى «ئالەم گېزىتى»دە، سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتى ئۆزىگە گۆر كولىدى دەپ ئەيىبلەنگەن. ئىران «ۋەتەن گېزىتى»دە، نىمۇرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ-دېيىلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر