باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىككى مىڭدەك قوراللىق ئۇنسۇر دەمەشقنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىن چېكىندى

2015.12.28 12:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر خەۋەردار ئەربابى تۈنۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئاستىدا سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ جەنۇبىنى ئىگىلەپ تۇرغان قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى، قوراللىق ئۇنسۇرلار يېقىندا بۇ جايلاردىن چېكىنىدۇ.

  18 ئاپتوبۇس شۇ كۈنى دەمەشقنىڭ جەنۇبىدىكى گادام بازىرى ۋە ھاجىرمەسۋۇد بازىرىغا كىردى، قوراللىق ئۇنسۇرلار بۇ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ چېكىنىدۇ. شۇ كۈنى ئەتىگەن، قوراللىق ئۇنسۇرلار يوللاردىكى توساق قاتارلىقلارنى بىكار قىلىپ، ئابتوبۇسنىڭ كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ئىدى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەرباب مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم 3567 ئادەم چېكىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قوراللىق خادىمدىن ئىككى مىڭى بار، بۇلار ئاساسلىقى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ۋە «قوللاش فرۇتى»غا تەۋە، قالغانلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە پۇقرالار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر