باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى نۇرغۇن ئۇرۇش سەپلىرىدە ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى

2015.12.28 12:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: رۇسىيە بىلەن سۇرىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ھىمايىسىدە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتىدە نۇرغۇن ئۇرۇش سەپلىرىدە ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى دېدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتە ھەلەپ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى 65 بازارنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى ھەمدە 17-دېكابىردىن 26-دېكابىرغىچە، ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ 590 نىشانىغا 168 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. باياناتتا: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تېررورلۇقنى يوقىتىپ، سۇرىيەنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ دەپ تەكىتلەندى.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، سۇرىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا جەمئىي 19 پۇقرا توپ ئوقى ۋە پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. كۆزەتكۈچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىغان: دەمەشقنىڭ شەرقىگە بېكىنىۋالغان ئىسلام ئارمىيەسى يېقىندا ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى رايونغا قىلىدىغان ھۇجۇمىنى كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر