باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىگە تۆلەم بەرمەكچى

2015.12.28 12:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 25-دېكابىر ئىسپاتلىشىچە، ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو بىلەن كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىن بىڭشى 28-دېكابىر كورىيەنىڭ سىئولدا ئۇچرىشىپ، ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىدە كېڭىشىدىكەن. خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئومۇمىي سوممىسى يۈز مىليون ياپونىيە يىنى كېلىدىغان فوند تەسىس قىلىپ، ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللارغا تولۇقلىما بېرىش ئارزۇسى بار ئىكەن. كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىدا فۇمىئو بىلەن يىن بىڭشىنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەل بولماي كېلىۋاتقان ھەمدە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. باياناتتا: بۇ ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېيىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر