باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: 2015-يىللىق ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور

2015.12.28 12:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن كېرمېل سارىيىدىكى يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش زىياپىتىدە: پات ئارىدا ئۆتۈپ كېتىدىغان يىلدىكى ئەڭ ئاساسلىق بىر ئىش ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بولدى دېگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، پۇتىن مۇنداق دېگەن: پات ئارىدا ئۆتۈپ كېتىدىغان بۇ يىللىق خىزمەتلىرىمىزنى خۇلاسىلىدۇق، كېلەر يىللىق پىلانلارنى تۈزدۇق، بۇ يىلدا نۇرغۇن ئىشلار بولدى، لېكىن ئەڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: كىشىلەر رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. مۇشۇنداق ئارزۇ ھۆكۈمەتتىكى ھەر بىر تارماقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك، چۈنكى بىز ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تىرىشىپ رۇسىيەنى گۈللەندۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر