باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سېربىيەدىكى ئەڭ چوڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە 80 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار قولغا ئېلىندى

2015.12.28 12:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېربىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سىتىفانوۋىچ 26-دېكابىر بېلگىرادتا مۇنداق دېدى: سېربىيە ساقچىلىرى يېقىندا تەخمىنەن 80 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى قولغا ئالدى، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت سېربىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىش ھەرىكىتى. سىتىفانوۋىچ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان ئەمەلدارلار پۇل يۇيۇش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق، 20 نەچچە قېتىملىق چىرىكلىك دېلوسىنى سادىر قىلغان، كۆپىنچىسى شەھەر مەمۇرىيتى قۇرۇلۇشى ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلار بۇنىڭدىن 100 مىليون ياۋرودىن كۆپرەك پايدىغا ئېرىشتى. ھازىر ساقچىلار قالغان بەش جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتۇۋاتىدۇ، بۇندىن باشقا ئالاقىدار 39 كىشىنى تەكشۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر