- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئوباما ئامېرىكا ئىسلام دۆلىتى تېخىمۇ زەربە بېرىدۇ دېدى
2015.12.15 16:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 14-دېكابىر بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئېچىلغان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئامېرىكا تۆت تەرەپتىن ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىدۇ، جۈملىدىن تېررورچىلارنى نۇقتىلىق تازىلاپ، ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھەم قوراللىق كۈچلىرىنى ھەربىي مەشىقلەندۈرۈپ ۋە ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش ۋە ئىقتىساد جۇغلاش ھەرىكەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق، سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. لېكىن، ئوباما شۇ كۈنى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغان ھېچقانداق يېڭى سىياسەتنى جاكارلىمىدى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ھاۋا ھۇجۇمى ۋە يەرلىك قوراللىقلارنى مەشىقلەندۈرۈپ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى قوزغاشنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سىياسىتىنى ھېچقانداق تەڭشىمىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر