باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى يەر شارى كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

2015.12.14 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ رەئىسى فابىئوس(سولدىن ئۈچىنچى) 12-دېكابىر پارىژنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدىكى بۇرگېت كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا بولقا ئۇردى، بۇ پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنىڭ ھاسىل بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ كۈنى «ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»دىكى 200گە يېقىن پۈتۈشكۈچى تەرەپ پارىژدا يەر شارى كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى كېلىشىمىنى ھاسىل قىلدى.

  پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى 12-دېكابىر كەچ يەر شارى كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى كېلىشىمىنى ماقۇللىدى. كېلىشىم 2020-يىلدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  شۇ كۈنى كەچ، «ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەھدىنامە» دېيىلىدۇ)دىكى 200گە يېقىن پۈتۈشكۈچى تەرەپ «پارىژ كېلىشىمى»نى بىردەك ماقۇللىدى. كېلىشىم 29 ماددىن تەركىب تاپقان بولۇپ، نىشان، پەسەيتىش، ماسلىشىش، زىيان، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئاشكارىلىق دەرىجىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «پارىژ كېلىشىمنامىسى»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار كېلىمات ئۆزگىرىش تەھدىتىگە دۇنيا بويىچە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر شارى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ سانائەتلىشىشنىڭ ئالدىدىكى سەۋىيەدىن ئىككى سىلتسىيە گرادۇس ئىچىدە ئۆرلىشىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆرلىگەن تېمپېراتۇرىنى 1.5 سىلتسىيە گرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر