باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى يەر شارى كىلىمات يېڭى كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

2015.12.14 10:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى 12- دېكابىر كەچتە يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمىنى ماقۇللىدى، كېلىشىمدە 2020- يىلدىن كىيىن يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  شۇ كۈنى كەچتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىغان 200 گە يېقىن دۆلەت پارىژ

  كېلىشىمىنى ماقۇللاشقا بىردەك قوشۇلدى. كېلىشىم جەمئىي 29 ماددا بولۇپ، نىشان، ئاتموسفېرانىڭ ئىللىپ كېتىشىنى ئازايتىش، ماسلىشىش، زىياننى ئازايتىش، مەبلەغ، تېخنىكا ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئاشكارىلىق دەرىجىسى، يەر شارى بويىچە ئېدىتلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  پارىژ كېلىشىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر قايسى تەرەپلەر كىلىمات ئۆزگىرىشى تەھدىتىگە يەر شارى بويىچە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنىڭ تەڭپۇڭ كىلىماتنى سانائەتلىشىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەدە ئىككى سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇشتا كونترول قىلىش، ھەمدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىنى 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. يەر شارى بويىچە پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىش يۇقىرى دولقۇنىنى كونترول قىلىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش كېرەك .

  كېلىشىمگە ئاساسەن، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزلىرى تۆھپە قوشۇش ئۇسۇلى بىلەن يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئۆزلۈكىدىن ئازايتىدۇ، ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ ، تېخنىكا ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بىلەن قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  2023- يىلدىن باشلاپ، ھەر بەش يىلدا يەر شارى ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى بىر قېتىم ئېدىتلاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارى بويىچە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر