باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ پايتەختىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق تەۋەسىدە تۇرۇشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈلدى

2015.12.14 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا 12- دېكابىر چوڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى پارتلاپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراققا كىرگەنلىكىگە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈلدى.

  تۈركىيەنىڭ بىر باتالىيون دەرىجىلىك بىرونېۋىك قىسىمى يېقىندا چېگرادىن ئۆتۈپ ئىراققا كىردى، ھەمدە ئىسلام دۆلىتى ئىگىلىۋالغان ئىراقنىڭ 2- چوڭ شەھىرى مۇسۇلغا يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىراق ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى ئىراقنىڭ ماقۇللىغىنى ئالماي تۇرۇپ ئىراققا كىرگەن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى كۆپ قېتىم دەۋەت قىلدى، ئىراق زۇڭلىسى ئابادى 11- دېكابىر ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇش ئىشى توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە رەسمىي ئېتىرازنامە سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر