باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەنىڭ خومىس شەھىرىدە ئاپتوموبىللىق بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 70 گە يەتتى

2015.12.14 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 12- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خومىس شەھەر مەركىزىدە شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئاپتوموبىللىق بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 16 كىشى قازا قىلغان، 54 كىشى يارىلانغان.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۇز بەرگەندە 150 كىلو پارتلىتىش دورىسى قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل خومىس شەھەر مەركىزىنىڭ زاخارا رايونىدىكى بىر دۆلەت دوختۇرخانىسىغا يېقىن جايدا پارتلىغان، بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن، يېقىن جايدىكى بىر ماگىزىندا گاز باكى پارتلاپ، ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن سۇرىيە بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ بىر قانچە ئۇن خادىمى يارىلانغان، كۆپلىگەن كىشىلەر قازا قىلغان ۋە يارىلانغاندىن سىرت، پارتلاش يەنە يېقىن ئەتراپتىكى ئۆيلەرنى، ئاپتوموبىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان، سۇ، توك، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە بىرەر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر