باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ پايتەختىدىكى ئەلچىخانا رايونىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 12 كىشى قازا قىلدى، 7 كىشى يارىلاندى

2015.12.14 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 12- دېكابىر مۇنداق دېدى: 11- دېكابىر ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ پايتەخت كابۇلدىكى ئەلچىخانا رايونىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 4 تېررورچى ئۇنسۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 كىشى قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا يەتتى كىشى يارىلاندى.

  ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 12- دېكابىر ئاخبارات ئېلان قېلىپ، بىر تېررورچى ئۇنسۇرنىڭ ئالدى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ باش ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدىكى بىر مېھمانخانا ئالدىدا پارتلىتىش بۇيۇمى قاچىلانغان ئاپتوموبىلىنى پارتلاتقانلىقىنى، ئارقىدىن ئۇچ تېررورچى ئۇنسۇرنىڭ ئۆيگە بېسىپ كىرىپ قاتىللىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئافغانىستان تالىبانلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تالىباننىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار يەنە ئافغانىستان پۇقرالىرىنى چەتئەل ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر