باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا « پارىژ كېلىشىمى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قارارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «پارىژ نەتىجىسى» ھاسىل قىلىندى

2015.12.14 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لىي 13-دېكابىر مۇنداق دېدى: پارىژ ۋاقتى 12-دېكابىر كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىدا « پارىژ كېلىشىمى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قارارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «پارىژ نەتىجىسى» ھاسىل قىلىندى. بۇ خەلقئارا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىدا مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بۇنى قارشى ئالىدۇ.

  خۇڭ لىي مۇنداق دېدى: «پارىژ كېلىشىمى»دە 2020-يىلدىن كېيىنكى «دۆلەت مۇستەقىل تۆھپە قوشۇش» تېمىسىدىكى خەلقئارا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزم ئورۇنلاشتۇرۇشى تۇرغۇزۇلۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات رامكا ئەھدىنامىسى»دە تۇرغۇزۇلغان ئورتاق ئەمما پەرقلىق بولۇش مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى قايتا تەكىتلىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلگەن، ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ، سالمىقى بار كېلىشىم ئېكەنلىگىنى ئەكىس ئەتتۇرۇلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسان ئەمەس، بىز ساھىپخان دۆلەت فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر