باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى يېڭى كېلىشىمنى ماقۇللىغاندىن كىيىن يېپىلدى

2015.12.14 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارىژ ۋاقتى 12- دېكابىر كەچ سائەت 19 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، 24 سائەت ئۇزارتىلغان پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ئاخىرقى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي يىغىنىدا، يىغىن رەئىسى، فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس يىغىننىڭ بەلگىسى بولغان يېشىل بولقىنى كۆتۈرۈپ، نامايەندە خاراكتېرىگە ئىگە بولغان پارىژ كېلىشىمىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىگە قاراپ مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى يەنە ئالاقىدار قارارلارنى ماقۇللاپ، پارىژ كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى فابىيۇس بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورۇنىدىن تۇرۇپ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

  بان كېمون مۇنداق دېدى: پۈتكۈل ئىنسانىيەت يولۇقۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ۋە مۇرەككەپ بولغان كىلىمات مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىز پۈتكۈل يەر شارى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىگە كىردۇق، پۈتكۈل يەر شارىدىكى بارلىق دۆلەتلەر ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك . بۇ تارىخىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىش، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ بولمايتتى ، ھازىر رېئاللىققا ئايلاندى.

  ھوللاندى ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنى تەبرىكلەپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىنى 40 يىل كۈتكەن ئىدۇق، ھازىر سىلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭلار، جۇشقۇن، يۈكسەك چەكلەش كۈچىگە ئىگە، يەر شارى خاراكتېرلىك بۇ كېلىشىمدىن،كېيىنكى ئەۋلادىلىرمىز ئىپتىخارلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر