باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇرۇندىنىڭ ھەربىي گازارمىسى ھۇجۇمغا ئۇچراش داۋامىدا ھۇجۇم قىلغۇچى 79 كىشى ئېتىپ تاشلاندى

2015.12.14 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇرۇندى ئارمىيە تەرەپ 12- دېكابىر ، 11- دېكابىر بۇرۇندىنىڭ ھەربىي گازارمىسى ھۇجۇمغا ئۇچراش داۋامىدا ھۇجۇم قىلغۇچى 79 كىشى، بۇرۇندى ئارمىيەسىنىڭ 4 ئەسكىرى ۋە 4 ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 87 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ يىل 4-ئايدا، بۇرۇندىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە زۇڭتۇڭ ئىنكۇلونچىزانى كىيىنكى نۆۋەتلىك چوڭ سايلامغا قاتنىشىدىغان زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىپ بېكىتكەن. ئۆتكۈچىلەر پارتىيەسى بۇنىڭغا نارازى بولغان، ھەمدە ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى پايتەخت بۇجۇمبۇرا چوڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى تەشكىللىگەن ھەمدە ئارمىيە ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان، بۇنىڭ بىلەن بۇرۇندى داۋاملىق قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كېرىپ قالدى. بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيان، 300 دىن كۆپرەك كىشى بۇرۇندىكىدىكى توقۇنۇشتا قازا قىلدى. تەخمىنەن 200 مىڭ كىشى باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىش ئۈچۈن سەرگەردان بولۇپ كەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر