باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي 20كىشىنىڭ بايلىقى ئامېرىكىدىكى يېرىم نوپۇسنىڭ ئومۇمىي بايلىقىدىنمۇ كۆپ

2015.12.08 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سىياسەت تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقات دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي 20كىشى ئىگىلىگەن مۈلۈك ئامېرىكىدىكى يېرىم نوپۇسنىڭ بايلىق ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى غايەت زور پەرق كۆرسىتىلگەن.

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 5-دېكابىر دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 20كىشى ئىچىدىكى بىرىنچى باي ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، «پايچېك ئىلاھى» ۋاررىن باففېت، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى «فەيسبۇك»نىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكىربۇرگ، ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى ئامازوننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف بېزوس ۋە ۋولمارت گوروھىنىڭ 4ۋارىسى بۇ 20كىشىنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن.

  دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ 20كىشىنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ يىغىندىسى 732مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئامېرىكىدىكى يېرىم نوپۇس، يەنى 152مىليون كىشىنىڭ بايلىقىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، «فوربېس» ژورنىلى باھالاپ چىققان ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي 400باينىڭ قولىدىكى بايلىق ئامېرىكىدىكى 36مىليون تىپىك ئائىلىلەر مۈلكىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىرقلار ئارا بايلىق تەقسىملىنىشىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي 100ئائىلە ئىلكىدىكى مۈلۈك ئامېرىكا بويىچە ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان نوپۇس ئومۇمىي بايلىقىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ ئىكەن. «فوربېس» باھالاپ چىققان ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي 400كىشىنىڭ ئىچىدە ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغانلاردىن ئاران ئىككى كىشى، لاتىن ئامېرىكىلىقلار پۇشتىدىن بولغانلاردىن ئاران بەش كىشى بار ئىكەن. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر