باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە زۇڭلىسى تۈركىيەنى جازالاش پەرمانىغا ئىمزا قويدى

2015.12.03 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭلىسى مىدۋىدىۋ تۈنۈگۈن ھۆكۈمەت پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ بۇندىن بۇرۇن ئىمزالىغان زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئاساسەن، پىلان بويىچە تۈركىيەنى جازالىشىنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت پەرمانىدا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن تۈركىيەنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى ۋاقىتلىق توختىتىشى تەلەپ قىلىنغان، ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى قانۇنى يولغا قويۇدىغان دائىرىدە شەخسلەر ئىشلىتىشتىن سىرت، تۈركىيەدىن بىر يۈرۈش كۆكتات، مېۋە -چىۋە، ئۆي قۇشلىرى ۋە تۈز قاتارلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىش چەكلەنگەن؛ رۇسىيەنىڭ قاتناش تىرانسىپورت تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، 2016-يىلى تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل تىرانسپورت سودىگەرلىرىگە بېرىدىغان رۇسىيە-تۈركىيە ئارىسىدىكى تىرانسپورت ئىجازەتنامىسىنى ئىككى مىڭ ئىچىدە چەكلەش، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇشۇنىڭغا بۇ ئىجازەتنامىلەرنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر