خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) شۇ يەر ۋاقتى 16-نويابىر، ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى تىبابەت مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ھازىرغا قەدەر ئەڭ مۇرەككەپ بولغان يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىنى تاماملىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىسسىسسىپپى شتاتىدىن كەلگەن ئوت ئۆچۈرگۈچى پاترىك خاردىسون 2001-يىلى ئوت ئۆچۈرىۋاتقاندا يۈز قىسمى ئېغىر كۆيۈپ يارىلانغان، كۆز ئەتراپى، كالپۇكى، قۇلىقى، كۆپ قىسىم بۇرنى، چېچى ۋە قاشلىرىنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ بۇزۇلغان، 100دىن ئارتۇق دوختۇر، سېستىرا قاتارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ 26سائەتلىك جاپالىق تىرىشىشى بىلەن، ئوپراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان. سۆرەتتىكىسى پاترىكنىڭ ئوپراتسىيەدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى سېلىشتۇرمىسى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى