باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جوڭ شەن: جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك

2015.11.02 08:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى 30-ئۆكتەبىر كورىيەنىڭ سىئولدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا سۆھبەت ۋەكىلى قوشۇمچە مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى جوڭ شەن يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارنىڭ يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، ئولىمپىك ئىقتىساد ھەمكارلىقى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  جوڭ شەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ مەقسىتى - پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا ئىقتىساد-سودا جەھەتتىن ياخشى تەييارلىق قىلىش. جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بەردى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەلىرى ۋە تەرەققىيات يۆلىنىشى جەھەتتە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر يۈرۈش ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلىپ، رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئىقتىساد-سودا نەتىجىسىنى بېيىتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر