باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل جامائەتچىلىكى: جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ

2015.11.02 08:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار ھەمدە تاراتقۇلار يېقىندىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ بەشىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان ئاخبارات شۇنداقلا 13-بەش يىللىق پىلانغا يۈكسەك دىققەت قىلدى، رۇسىيە سانكىت پېتىربورگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتى دۇنيا ئىقتىسادى كافىدىراسىنىڭ دوتسىنتى ئىلىننا كوكۇشكىنا مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى سىياسەتلىرىدىن نەپ ئالىدۇ. جۇڭگو تاشقى بازارنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ئىش ئورنى يارىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. مىسىر ئەيىن شامىس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى يۇمنا خامەكى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگو ھازىرقى ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى بىلەن 2020-يىلىغىچە خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىككى پەرزەنت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشى ئائىلىلەر ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادى بېسىمنى پەسەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر