باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىسلاھ قىلىش سۆھبىتىنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۈمىد قىلدى

2015.11.02 08:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى 30-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىسلاھ قىلىش سۆھبىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىپ، ئەزا دۆلەتلەر يېتەكچىلىك قىلغان توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 70-نۆۋەتلىك يىغىنى شۇ كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىنى قاراپ چىقتى. ليۇ جېيى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇزاق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى مۇۋاپىق، زۆرۈر ئىسلاھ قىلىشنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۈنۈمى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر، بولۇپمۇ ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىكلىكى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر جۈملىدىن كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە قاتنىشىپ، تېخىمۇ چوڭ رول ئويناش ئىماكنىيىتىگە ئىگە قىلىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر