باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۇرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بەردى

2015.11.02 08:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە NTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا يېقىن سۇرىيە چېگراسىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەن.

  تۈركىيە ئەنقەرە شەھەرلىك تەپتىش باشلىقى ئىشخانىسى 28-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىدىكى بىر تارمىقى زور ئۆلۈم يېتىم بولغان ئەنقەرە ۋوگزالىدىكى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغان.

  بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرى، تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۇرت ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرى ۋە ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەدىكى نىشانلىرىغا تەڭلا ھۇجۇم قىلدى. ئارقىدىن تۈركىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئەدەپ كەتتى. 10-ئۆكتەبىر ئەنقەرە ۋوگزالىغا يېقىن جايدا ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 102 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر