باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا كۈچلۈك يەر تەۋرىدى

2015.10.28 18:11         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ۋاقتى 26-ئۆكتەبىر سائەت 17:09 دە، ئافغانىستاندا 7.8 بال تەۋرەپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 213 كىلومېتىر بولغان. پاكىستان ۋە ھىندىستاندا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان، ئافغانىستاننىڭ پەنجىشىر ئۆلكىسىدىكى ئامما ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.

  جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ بېكىتىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ھىندۇقۇش رايونىدا 7.8 بال يەر تەۋرىگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقى ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە ئاز دېگەندىمۇ 282 ئادەم قازا قىلغان، مىڭغا يېقىن ئادەم يارىلانغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ئافغانىستان چېگرىسى ئىچىدە ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلغان، پاكىستان چېگرىسىدا 228 ئادەم قازا قىلغان، ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئىككى ئادەم قازا قىلغان. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد ھەمدە ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلى ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلىرىدا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى ئافغانىستاننىڭ پاكىستانغا يېقىن چېگرا رايونىدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 200 كىلومېتىردىن ئاشقان. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تەۋرىنىش كۈچلۈك بولۇپ، قۇرۇلۇشلار قاتتىق سىلكىنگەن، توك ۋە يانفون سىگنالى ئۈزۈلۈپ قالغان، نۇرغۇن ئامما سىرتقا چىقىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. قىسمەن قۇرۇلۇشلارنىڭ تاملىرىدا يېرىق پەيدا بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر