زەمبىرەك ئوقى تەگكەن تىك ئۇچار ئايروپىلان بىخەتەر ھالدا ئۇرۇش مەيدانىدىن ئايرىلدى
2015.10.28 18:10 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېقىندا توردا ئېلان قىلىنغان بىر ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەدە ياسالغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا زەمبىرەك ئوقى تەگكەن، لېكىن ھەيران قالارلىقى بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتمىگەن، بەلكى ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگەن ھالدا داۋاملىق ئۇچۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدىن تېز سۈرئەتتە ئايرىلغان. ۋىدىيونى تورغا يوللىغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋىدىيو سۇرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنغان ئىكەن، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەدە ياسالغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ كۈچلۈك زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر