باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيەدە 220مىڭ جىنايەتچى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2015.10.26 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان چوڭ كەچۈرۈم خىزمىتىمۇ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، تەخمىنەن 225مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  بۈگۈنكى روسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) بۇ يىل 4-ئايدا ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70يىللىقىدا چوڭ كەچۈرۈم قىلىش قارارىنى تەستىقلىغان ئىدى. پىلاندىكى 6ئاي ۋاقىتمۇ توشۇش ئالدىدا تۇرماقتا. روسىيە ئەدىلىيە مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق روسىيە فېدېراتسىيە جازا ئىجرا ئىدارىسى بۇ ئاينىڭ 27-كۈنى چوڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سانىنى ئېلان قىلىدۇ. 225مىڭ كىشىنىڭ چوڭ كەچۈرۈم شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى چوڭ كەچۈرۈم روسىيەدىكى يېقىنقى 15يىلدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق كەچۈرۈم بولۇپ قالىدىكەن. ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلار بۇ قېتىملىق كەچۈرۈمگە چېتىلىدىغانلار 350مىڭدىن 400مىڭگىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  بۇ قېتىملىق كەچۈرۈم ئاساسلىقى جازا مۇددىتى 5يىلدىن ئاشمايدىغان، جىنايىتى بىرئاز يېنىك ياكى ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى جىنايەت گۇماندارى، جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىپلىنىپ سوت قىلىنىۋاتقان ھەمدە تۇنجى قېتىم جازا ھۆكۈم قىلىنغانلار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلار، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار، ئىلگىرى ئاففانىستان ۋە ياكى باشقا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن دۆلەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر، چېچىنىيە ئۇرۇشى ۋە شىمالىي كاۋكازدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە روسىيەنىڭ دۆلەت ئوردېنىغا ئېرىشكەنلەر ۋە چېرنوبېل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسسى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقانلارغا قارىتىلغان. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى بار ياكى مېيىپ پەرزەنتلىرى بار ئاياللار، ئېغىر ئاياق ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا جىنايەت سادىر قىلىپ باقمىغان بويتاق دادىلار، يېشى 55ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ۋە يېشى 50تىن ئاشقان ئاياللار، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈردىكى مېيىپلار، ئۈچۈنچى ۋە تۆتىنچى مەزگىلدىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ئوچۇق تىپتىكى ئۆپكە تۇبىركىلىيۇز بېمارلىرى، سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت سادىر قىلغانلارمۇ بۇ قېتىملىق چوڭ كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىدە. بۇ قېتىملىق چوڭ كەچۈرۈم ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغانلار ۋە ئادەتلەنگەن جىنايەتچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.

  ئىلگىرى 1994-يىلدىن بۇيان روسىيەدە 18قېتىم چوڭ كەچۈرۈم ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، چېتىشلىق ئادەم 306مىڭدىن ئاشقان. بۇندىن ئىلگىرى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق كەچۈرۈم 2005-يىلى 5-ئايدىكى ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 55يىللىقىنى خاتېرىلەش ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كەچۈرۈم قىلىنغانلار 206مىڭدىن ئاشقان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر