باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2015.10.14 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 13-ئۆكتەبىر ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، شۇ چاغدا زور بىر تۈركۈم سۈرىيە خەلق ئاممىسى ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، روسىيەنىڭ سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنى قوللىغان. ھازىرچە سۈرىيە خەلقىنىڭ يارىلانغان ۋە ئۆلگەن توغرىسىدا خەۋەر يوق، روسىيە تەرەپ يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، ئىككى دانە مىناميوت ئوقى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن روسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا چۈشكەنلىكىنى،بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى جۇڭگو روسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە تەگكەنلىكىنى، يەنە بىرسىنىڭ ئەلچىخانىنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇچاغدا، زور بىر تۈركۈم سۈرىيە خەلقلىرى رۇسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكەن، نۇرغۇن يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ رەسىمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشنى قوللىغان.

  كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاش ئاۋازى چىققاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەر قورقۇپ قېچىپ كەتكەن، كىچىك كۆلەمدىكى دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر