باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى بىۋاسىتە قورال بىلەن تەمىنلىمەكچى بولدى

2015.10.12 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى جاكارلىغان، ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرىنى قورال-ياراغ، ئوق-دورا بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەشنى قارار قىلغان. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋومۇس 10-ئۆكتەبىر ئاقسارايدا تېلېفون يىغىنى ئارقىلىق مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىقلىرىغا بىرلىكتە زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇندىن كېيىن غەرب ئەللىرىگە قارشى بولمىغان سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن ياردەم بېرىش ھەم تانكا، راكېتا ياكى مۈرىگە ئېلىپ ئاتىدىغان ھاۋا مۇداپىئە راكېتاسى قاتارلىق سەرخىل قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئاساسلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى بېكىتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر