- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋېنېسۇئېلا كولومبىيە چېگرا مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ
2015.09.17 09:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋېنېسۇئېلانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگىس 15- سېنتەبىر، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 21- سېنتەبىر ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، ۋېنېسۇئېلا بىلەن كولومبىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
19- ئاۋغۇست كولومبىيەدىكى يېرىم مۇنتىزم ھەربىي تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى ۋېنېسۇئېلا بىلەن كولومبىيە چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ۋېنېسۇئېلا چېگرىسى ئىچىدە ئوق چىقىرىپ، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىۋاتقان ۋېنېسۇئېلا دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ 3 ھەربىي ۋە بىر پۇقراسىنى يارىلاندۇردى، ئارقىدىن مادۇرو بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئىككى دۆلەت چېگراسىنى 72 سائەت تاقىدى، 21 -سېنتەبىر يەنە كولومبىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان تاچىرا شتاتىدىكى 5 شەھەردە 60 كۈن جىددىي ھالەت يولغا قويۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ۋېنېسۇئېلادىكى قانۇنلۇق سالاھىيىتى يوق مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى كولومبىيەگە قايتۇرۇپ، كولومبىيە تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر