- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۇرۇش قالدۇرۇپ كەتكەن مەسىلىلەر ئافغانىستانلىقلارنى ياۋروپاغا بېرىش سەپىرىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇرلىدى
2015.09.16 09:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا مۇنداق دېدى: ئۇزاق مۇددەت قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرغانلىقى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىمەستىن يۇقىرىلىشى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىش سەۋەبىدىن 6 مىليوندىن كۆپرەك ئافغانىستانلىق يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن كىشىلەر ياۋروپاغا كەتتى. ئافغانىستان مۇساپىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى ھاپاز يېقىندا مۇنداق دېدى: چېگرا سىرتىدىكى ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار، كۆچمەنلەر ۋە سىياسى جەھەتتە پاناھلىق ئىزدىگۈچىلەرنىڭ سانى 6 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 5 مىليون كىشى قوشنا دۆلەت بولغان پاكىستان بىلەن ئىراندا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، قالغان قىسمى ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئۆتكەن 8 ئايدا، تەخمىنەن 40 مىڭ ئافغانىستانلىق ياۋروپاغا قېچىپ كەتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر