- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىسىر ھەربىي ساقچىلىرى مېكسىكىلىق ساياھەتچىلەرنى ئۇقۇشماستىن ئېتىپ قويدى
2015.09.15 11:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 14-سېنتەبىر سەھەردە بايانات ئېلان قىلىپ: مىسىر ھەربىي ساقچىلىرى 13-سېنتەبىر كەچتە تېررورچىنى قوغلاۋاتقاندا ئۇقۇشماستىن مېكسىكىنىڭ بىر ساياھەت كالونىنى تېررورچىمىكىن دەپ قېلىپ، 12 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئون ئادەمنى يارىلاندۇردى دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ۋەقە يۈز بەرگەندە، مىسىر ھەربىي ساقچىلىرى غەربتىكى قۇملۇق رايونىدا تېررورچىلارنى قوغلاۋاتقان، تۆت دالا ماشىنىسىدىن تەركىب تاپقان مېكسىكىلىق ساياھەت كالونىنىڭ بىر چەكلەنگەن رايوندا كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ھەربىي ساقچىلار ئۇلارنى تېررورچى دەپ قېلىپ ئوق چىقارغان، لېكىن ئارقىدىن قارشى تەرەپنىڭ ساياھەتچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مىسىرلىق ۋە مېكسىكىلىق بولۇپ يارىلانغان ئونەيلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر