باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراندا ئۇران كانى بايقالدى

2015.09.14 11:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ئاتوم ئېنېرگىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەلى ئەكبەر سالىھ 12-سېنتەبىر ئىراندا زاپاس مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يېڭى ئۇران كانى بايقالغانلىقى، يېقىندا ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  ئامېرىكىدىكى بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىراننىڭ ئۇران كانى كەمچىل، شۇنداقلا ئۇران رۇدىسى مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى ناچار بولغانلىقتىن، ئىران ئۇران ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق يادرو تۈرىنى ئايلاندۇرىدىكەن.

  ئىران ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت بۇ يىل ئىيۇلدا ئىران يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىراندا ھەر قانداق يېڭى بىر ئۇران كانى بايقالسا، ھازىر بار بولغان ئۇران كانلىرىغا ئوخشاش ئۆلچەمدە خەلقئارانىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر