باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران زۇڭتۇڭى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.08.31 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران زۇڭتۇڭى روھانى 29-ئاۋغۇست، ئىراننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روھانى، 29-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندىن مۇنداق دېدى. ئىراننىڭ يادرو دەۋرىدىن كىيىن، جۇڭگو ئىراننىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى مۇھىم شېرىكى بولىدۇ. روھانى جۇڭگونىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىران، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ 12 يىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئاخىرقى باسقۇچ خارەكتېرلىك ھەل قىلدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەش ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر