باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون يادروسىز دۇنيا بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.08.31 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-ئاۋغۇست يادرو سىنىقىنى مەنئىي قىلىش خەلقئارا كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون سۆز قىلىپ، يادرو سىنىقىنى مەنئىي قىلىش شەرتنامىسىنى ھازىرغىچە تەستقلىمىغان دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرى بولمىغان دۇنيانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ شەرتنامىنى تېزدىن تەستىقلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بان كىمون مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بارغانلىقىغا 70 يىل بولدى، بۇ 70 يىلدا، پۈتكۈل دۇنيا 2000 قېتىمدىن كۆپرەك ياردو سىنىقى ئېلىپ باردى. ئوتتۇرا ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، شىمالى ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى كۆپلىگەن ئىپتىدائىي مۇھىت ۋە نوپۇس زىچ بولغان رايونلار بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. يادرو سىنىقىنىنىڭ زىيىنى يەر ئاستى سۈيىنى زەھەرلەش، راك، ئاق قان كېسلى، دىئاكتىپلىق چۆكمىلەر قاتارلىق زىيانلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. بان كىمون مۇنداق دېدى: مەن يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ يادرو سىنىقىنى ئۆزلىگىدىن توختاتقانلىقىنى قارشى ئالىمەن. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۆزلىگىدىن توختىتىشنىڭ قانۇنى جەھەتتىن چەكلەش شەرتنامىسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ خەلقئارا كۈندە، بان كىمون بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىشىنى ۋە تەستىقلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر