خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) سەتچىلىكتىن قۇتۇلالمايۋاتقان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 26-ئىيۇل ئىسلاھات خىزمىتى گۇرۇپپىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەنقىتلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئۈچۈنچى تەرەپ زاتنىڭ بۇ ئالاھىدە گۇرۇپپىغا رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باياناتتا خىزمەت گۇرۇپپىسىغا پۇتبول ساھەسى سىرتىدىكى مۇستەقىل زاتنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنىمۇ خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇستەقىل ئورگىنى بولغان ئىقتىسادىي تەپتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كومىتېتى ۋە ئىنتىزام كومىتېتى بىرلىكتە نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى