- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كانادا فېدېراتسىيە چوڭ سايلىمىنىڭ تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى كېلەر ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2015.07.29 16:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادا فېدېراتسىيە چوڭ سايلىمنى بۇيىل 10-ئايدا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان بولۇپ ، سايلامدىن بۇرۇنقى تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى كېلەر ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كانادا ئېلېكتىرونلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنازىرىنى خەنزۇچە ئورتاق تىل ۋە گۇاڭدۇڭ تىلى بىلەن بىۋاسىتە ئاڭلىتىدۇ .
بۇ تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىگە قاتنىشىدىغان كانادا فېدېراتىپ پارتىيە رەھبەرلىرىدىن كانادا فېدېراتسىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سىتىۋېن خاربور ، كانادا فېدېراتسىيە يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى توماس مولكېر ، كانادا فېدېراتسىيە لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى جاستىن تۇرودوۋ ۋە كانادا يېشىل پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئېلزابىت مېي قاتارلىقلار بار . (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر