باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە مىتسۇبېشى شىركىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەمگەكچىلەرگە تولۇقلىما تارقىتىپ كەچۈرۈم سورىدى

2015.07.27 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جۇڭگولۇق ئەمگەكچىلەرنى مەجبۇرىي ئىشقا سالغانلىق ۋەقەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ياپونىيە مىتسۇبېشى شىركىتى بىلەن جۇڭگودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا: مىتسۇبېشى شىركىتى كەچۈرۈم سوراش ھەمدە فوند تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق ھەر بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا يۈز مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىش، تۆلەم ئالىدىغانلار جەمئىي 3765 كىشى ئىكەن. ئىككى تەرەپ يېقىندا بېيجىڭدا يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىماقچى. بۇ ياپونىيەنىڭ ئەلئارا كارخانىلىرىنىڭ ياپونىيە ئالىي سوتى جۇڭگولۇق تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراشنى ئوتتۇرغا قويۇشى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن تۆلەم بەرگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىقى. شۇڭا بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدە كەڭ دىققەت ئېتىبارغا ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر