باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق پايتەختىدە ماشىنا بومبا پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى

2015.07.22 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق پايتەختى باغداتتا تۈنۈگۈن ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ماشىنا بومبا پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈزبەرگەن. ئاز دېگەندە 20 شەھەر ئاھالىسى قازا قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 52 ئادەم يارىلانغان. باغدات ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى. بىرىنچى قېتىملىق ماشىنا بومبا پارتىلىتىش ھۇجۇمى باغداتنىڭ جەنۇبى شەھەر رايونىدىكى يېڭى باغدات رايونىدا يۈز بەردى. ئاز دېگەندە باغدات ئاھالىسىدىن 18 كىشى قازا قىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسمى ئاياللار ۋە بالىلار.

  ئىككىنچى قېتىملىق ماشىنا بومبا پارتىلىتىش ھۇجۇمى باغداتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زافلانىيە رايونىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ئەتىراپىدا يۈز بەردى. ئىككى باغدات ئاھالىسى قازا قىلدى.

  پراكتىكانت تەرجىمان ئازاتگۈل تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر